كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 0

ئابدۇللا ئېلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇللا ئېلى بەگزاد 1974-يىلى 11-ئايدا ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1993-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، ئۆز يېزىسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1997-يىلدىن 1999-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا تولۇق كۇرس بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇللا ئېلى بەگزادنىڭ  ئىجادى ھاياتى 1992-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دا ئېلان قىلىنغان «قەلبىمدە بار بۈيۈك ئىستەكلەر»ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 200پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى ئاقسۇ ئەدەبىياتى تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن «سېنى ئۇنتالمايمەن» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «كېلىچەك ، قارا ئادەملىرىڭگە» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى «كىروران» ژورنىلى تەرىپىدىن «چوغلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا؛ «نۇر ۋە سايە» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن 5-قېتىملىق «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا؛ «يېڭى دەرس ۋە يېڭى تەلەپ » ناملىق ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەرىپىدىن «پۇرسەت ۋە خىرىس» نامىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ يادنامىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى؛ 2003-يىلى  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ياردەمچىسى» ناملىق ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتىرىيالى نەشىر قىلىنغان.

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش