كۆرۈش: 1520|ئىنكاس: 0

بىلقىز سۇلايمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2011424151846CZ~QMJ]${Q}B@TD$Q[3P2AM.jpg
    بىلقىز سۇلايمان 1959-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چىرا ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ،1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل- ئەدە- بىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى تاماملاپ،ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتى (ھازىرقى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستىتى)غاخىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.ئۇ بۇ مەكتەپتە ئىزچىل تۈردە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»، «يېزىقچىلىق»، «بالىلار ئەدەبىياتى»،«خەلق ئېغىز ئەدەبىاتى» ،«چەتئەل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ.
    ئۇ كىچىكىدىنلا شېئىرىيەتكە  قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا  شېئىر ئىجادىيىتىنى باشلىغان. تۇنجى شېئىرى:«تاپتىم» ناملىق غەزىلى 1980 – يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى »بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوقتىلىق ئەدەبىي ژورناللاردىن «تارىم»،«يېڭى قاشتېشى»،«تۇرپان»قاتارلىق ژورناللار ۋە«شىنجاڭ گېزى- تى» ،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»قاتارلىق گېزىتلەردە ھەم «شىنجاڭ ئاياللىرى»،«شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ئۇنۋېرىسال ژورناللاردا شئىرلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى«تاللانغان 100شېئىر»،«بۇلبۇللار نەزمىسى»،«توي چاچقۇسى»قاتارلىق  كوللىكتىپ  توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ 30نەچچە يىللىق  شېئىر ئىجادىيى- تىنىڭ  يىغىندىسى بولغان « قىزىلگۈل»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.
   ئۇ يەنە  بەلگىلىك دەرىجىدە  ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئۇيغۇر  تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە»،«‹بىر› سانىنىڭ ئالاھىدە مەنىلىرى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر  تىلىدىكى شەكىلداش قوشۇمچىلار توغرىسىدا»،«شەرت رايىدىكى پېئىللار  توغرىسىدا»،«ئۇيغۇر تىلىدىكى  كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن  سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى  رولى توغرىسىدا»  ،«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئەخلاق كۆز قارىشى توغرىسىدا»،«‹ئۇيغۇر تىلى›دەرسلىك كىتابلىرىدا ساقلىنىۋاتقان  بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا»،«ئوقۇش ـــ يېزىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»،«تاۋار ئېلانچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرى - سىدا»،«مەھمۇد قەشقىرى»ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىيو دىراممىسىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى»،«كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان‹ساخاۋەت›» قاتارلىق  20دىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە  مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىغان.     ئاپتورنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ 20نەچچە  يىللىق  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ئوقۇتۇش تەجىرىبىلىرى ۋە تەتقىقاتىغا  ئاساسەن تۈزۈپ چىققان  «ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر تىلى»ناملىق دەرسلىك كىتابى  ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئىچكى دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلدى. ئاپتور ھازىر «جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر  يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئى- يىتى»نىڭ،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى. «شىنجاڭ يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش