ئەخمەتجان ئابدۇللا 1981- يىلى 7- ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا تۇغۇلغان.
2006 - يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە تۇلۇق كۇرسنى تاماملىغان.
ئەخمەتجان ئابدۇللا 1999- يىلى خوتەن گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان « تۇخۇغا سۆز » ناملىق ساتىرىك شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ «تارىم»، يىڭى قاشتېشى »، « تۇرپان »، « تارىم غۇنچىلىرى »، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »، « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى »... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا « چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ شەھەرگە كىرىشى »،«چاشقان مەجلىسى »،«ئىشەك مىنگەن پادىشاھ »، « مېكىياننىڭ ھېكايىسى »، «قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى » قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر – فېليەتونلىرى، بالىلار ھېكايە - چۆچەكلىرى ئىلان قىلىنغان.
« غەربىي دىيار تانسىخانىسىدىكى سۆھبەت »ناملىق فېليەتونى خۇتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2006- يىللىق « ئەڭ ياخشى مۇنەۋۋەر » ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان بىر بۆلەك چۆچەكلىرى 2006-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹ چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق ›› دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلۇپ ئوماق بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇشلۇقىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئىتبارەن ئۇنىڭ ‹‹ مۇنەججىم توشقان ›› ( 2009-يىلى 5- ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، ‹‹ ئور توقماقنىڭ ئاقىۋىتى ›› ( 2011-يىلى 1- ئاي شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فۇتۇ سۈرەت نەشىرياتى) ،‹‹ يۇلتۇز قىز ›› ( 2011-يىلى 12- ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ،‹‹ چېچەن ئوغلاق›› ( 2012-يىلى 2- ئاي قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق بەش پارچە بالىلار چۆچەكلىرى كىتابى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە بالىلار ئويۇنلىرىنى چۆچەكلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان‹‹ سۇناي دوست ››،‹‹ توخۇ ئوغلاق ››ناملىق بالىلار كىتاپلىرى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ‹‹ ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما ›› ناملىق ئىككى يۈرۈش كىتابى پات يېقىندا بالىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ....ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.