كۆرۈش: 1285|ئىنكاس: 0

تۇرغۇن مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1212210f5wolfo4w0l2250.jpg
تۇرغۇن مىجىت 1972- يىل 12- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇچتۇرپان ناھيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇنجى شېئىرى 1990- يىلى «شىنجىاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىككى پارچە پوۋېست، 70 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 300 پارچە شېئىر، باللادا ۋە بىر قىسىم نەسىر، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللار ۋە خەنزۇچە «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئىجادىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.
«ئېتىقاد» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ھاراق ئېلانى» ناملىق شېئىرى «تۇرپان گېزىتى» تەرىپىندىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ساپال چىراغ» ناملىق ھېكايىسى 3- نۆۋەتلىك «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «قاباھەت ۋە جاسارەت» ناملىق ھېكايىسى 4- نۆۋەتلىك «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نايىل بولغان.
ئۇ ھازىر شىنجىاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش