كۆرۈش: 877|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
194312h6is9ptih9s8izy9.jpg
مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل، 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كېرىيە ناھىيە بازىرىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1980-يىلىدىن 1984- يىلىغىچە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن ھازىرغا قەدەر خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
        مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «تەكلىماكاندىكى يوللار»،«قەدىمى ماكاندىكى ئىز» ناملىق ئىككى پارچە ئەدەبىي ئاخباراتى «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. «بوستان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كېپەن ئوغرىلىرى خوتەندە» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى شۇ ژۇرنالنىڭ «چۆلپان مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە بېسىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى «قامچا»، «خوتەن يولىدا پايانداز»، «جەزبىدار گۈلدەستىلەر»، «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
  مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە خەتتاتلىق كەسپىگىمۇ ھەۋەس بىلەن ئىشتىياق باغلاپ، بۇ ساھەدىمۇ ئۆزلۈكسىز مەشىق قىلىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1987- يىلى بىر پارچە خەتتاتلىق ئەسىرى «يىپەك يولى» خەلقئارا خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە ئالتە پارچە ئەسىرى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1987-يىلى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ئۈچ ۋىلايەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خوتەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەندىن سىرت، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەتتاتلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
        مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل 1980-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ «دەھرىلجات»، «موللا ئىسمەتۇللا بىننى نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى»،«كوھمارىم توغرىسىدا»، «كوھمارىم رىۋايىتى»، «راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى»، «قۇتادغۇبىلىگتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىغا بىر نەزەر» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «بۇلاق»، «يېڭى قاشتېشى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «خوتەن ئالىي سىفەن تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«مىراس» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1998-يىلى 10-ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىگ» ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇ «‹قۇتادغۇبىلىگ› تىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىغا نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى «چىرا تارىخى ماتېرىياللىرى»، «كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى»،«قاراقاشنى چۈشىنەيلى»،«ئۇلۇغ ئىلمى ئابىدە ــ قۇتادغۇبىلىگ»، «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» قاتارلىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ھازىرمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
         مۇھەممەدكېرىم ئىسمايىل خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش