تالانتلىق شائىرە ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 1976-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى 9-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىغان. 1994-يىلى 9-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئىككى يىل شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1999- يىلى 9- ئايدىن 20002-يىلىغىچە ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىدە تەشۋىقاتچى، 2004-يىلىدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە خوتەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن ( بۇ جەرياندا 2009-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 6- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدە سىستېمىلىق بىلىم ئاشۇرغان). 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 1992- يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەندىن بۇيان، « يېڭى قاشتېشى »، «شىنجاڭ ياشلىرى »، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، « تەڭرىتاغ »، « تارىم »، « كروران »، « شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى » ، « شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » قاتارلىق ژۇرناللاردا 260 پارچىغا يېقىن ماقالىسى ۋە شېئىرى ئېلان قىلىنغان. مەخسۇس خانىم- قىزلار توغرىسىدا يېزىلغان « قىز- ئاياللارغا مەسلىھەت » ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1997- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، ئۇ بۇ ساھەدىكى باشلامچىغا ئايلانغان. ھاياتنوپۇس ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىگە تايىنىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى بىرقانچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تەشكىللەش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇنى تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلار بويىچە بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان. ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن « رەڭدار كۆلەڭگە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن « قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- يۈرۈش قانىلىنىڭ « تەڭرىتاغ گۈلزارى » پروگراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش قانىلىنىڭ « مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پروگرامما گۇرۇپپىسىمۇ ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ « ياشلىق ساداسى» ، « ئاياللار ۋە جەمئىيەت»، « ئەخلاق گۈلىستانى» قاتارلىق پروگرامما گۇرۇپپىلىرى كەينى-كەينىدىن بىرقانچە تېمىدا ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋە تونۇشتۇرغان. خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ « خوتەن كۈيى»، « ئاياللار ۋە جەمئىيەت» ، « ئەخلاق باغچىسى » قاتارلىق تۈرلۈك پروگرامملىرىدا ئۇنى زىيارەت قىلىش، تونۇشتۇرۇش ، تۈرلۈك تېمىلاردا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىش-ئىزلىرى « شىنجاڭ گېزىتى»، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، « خەلق توڭرى»، « تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان.
تالانتلىق شائىرە، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ « ئىپپەت ئارىلى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن خانىم –قىزلار ھەققىدە يېزىلغان « ئايالدەك ياشاش ئەڭ زور غەلىبەڭ » ناملىق ماقالىلەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 1996-يىلى ئۇنىڭ « كىمنىڭ ئەقلى قىسقا»، « رەڭدار سوراق ۋە بىز » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا، « ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى ئويلايلى » ناملىق ماقالىسى « خوتەن گېزىتى » ئىدارىسى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى « مەدەنىيلىكنى چۈشىنەيلى » ناملىق ماقالىسى ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، « شېئىردىكى گۈزەللىك » ناملىق يېڭىچە ۋە ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى يوشۇرۇن گۈزەللىك ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان « تۇنجى نۆۋەتلىك ئاقيول مۇكاپاتى » غا ، 2006-يىلى « بىز دۇنيانى قانداق تەۋرەتتۇق» ۋە « ئانا، مېنى باغرىڭغا باس » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان « ئانىلار، ئاياللار ۋە دۇنيا » تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ھاياتنوپۇس مۇھەممەد ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت « قوش تىل » مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.