ماخمۇت يولۋاس، 1970-يىلى توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تەمىنات-سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كاستىر، بازار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 1993-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىگە يېقىن پوۋېست-ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «كۆك قۇمۇش» ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ "مومامنىڭ بۇلۇتى" ناملىق بالىلار ھېكايە توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.