ئابلىكىم ئابلىمىت (تاغتېكىن) 1972-يىلى گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئاسپرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 2006 -، 2010- يىللىرى بېيجىڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، جېجياڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى.
ئابلىكىم ئابلىمىت ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ 1993-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەدەبىي ئوبزور، فېليەتون، تەنقىدىي ماقالىلار، تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. « زەئىپ تەن، چۈشكۈن روھ»، «ئالداۋاتقانلار ۋە ئالدىنىۋاتقانلار»، « تەۋپىق ئەپەندى، كۆرۈۋاتامسىز» ناملىق ماقالىلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ھەمدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. «يوقالغان گۆھەر» ناملىق ھېكايىسى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن؛ «ئالداۋاتقانلار ۋە ئالدىنىۋاتقانلار»،« بىلىم ئېلىش مەڭگۈلۈك پەرز » ناملىق ماقالىلىرى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان؛ 2005-يىلى10-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ۋە ئەدەبىياتى مۇھاكىمە مۇنبىرگە قاتنىشىپ « ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان؛« ھەر كۆڭۆلدە بىردىن خارابە » ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا. ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر 15 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.