كۆرۈش: 1975|ئىنكاس: 4

مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1979-يىلى7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجىدە  پۈتكۈزۈپ  خىزمەتكە قاتناشقان مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن  شۇ يىلى 9-ئايدا چىرا ناھىيەسىنىڭ كوئىنلۇن تاغلىق رايونىدىكى مەرىپەت ئوچىقى ــــ نۇرى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. بۇ مەكتەپتە بەش يېرىم يىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن  1985-يىلى 2-ئايدا گۇلاخما يېزىلىق ئوتتۇرار مەكتىپىگە، 1986-يىلى 12-ئايدا بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989-يىلى9-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولدى.  ھازىر چىرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.  
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن خىزمەتكە قاتناشقان 32 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كەسپكە بېغىشلاپ، ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ. خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۇرۇژۇك  پائالىيىتى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى. خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن ، كۆپ قېتىم « مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپ، يېزا، ناھىيە تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان « ۋەتىنىمنى سۆيىمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە چىقىدىغان ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە، 900 پارچىدىن ئارتۇقراق ئەدەبىيات-سەنئەت  نەزەرىيەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئاخبارتچىلىق نەزەرىيەسىگە ئائىت ئىلمىي ماقالە، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  30دىن ئارتۇق داڭلىق سەنئەتكارنىڭ سەنئەت ھاياتىنى، ئون نەچچە نەپەر كلاسسىك شائىرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىنى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇردى. چىرا ناھىيەلىك1-ئوتتۇرا  مەكتەپ، بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، نۇرى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مەرىكىسىگە ئاتاپ  چىقىرىلغان « ئانار يۇرتىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى«، « بوستاندىكى مەرىپەت بۆشۈكى»،« قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى نۇربۇلاق» ناملىق ژۇرناللارنىڭ  ماقالىلىرىنى  تەييارلاش، تەھرىرلەش، نەشىر قىلدۇرۇش ۋە چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى ئىشخانىسى نەشر قىلدۇرغان « چىرا ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ سەھىيە  تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ سۇ- ئېلېكتر، ئېنېرگىيە تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق، قۇم تىزگىنلەش  تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىشلىرى  تەزكىرىسى »  قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشتى.  ئۇ يازغان« چىرا ناھىيەسىنىڭ پەننىي مائارىپ تارىخى »، « ياغاچ قاچا-قۇچا ياساش » ناملىق ئىككى كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.  بىر قىسىم شېئىر، ماقالىلىرى « گۈلدەستە»، « گۈزەل ئارزۇلار»، « شانلىق 40 يىل» ، « خوتەن يولىدا پايانداز»، « خويمۇ ئۇز خوتەن» قاتارلىق  كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى.  ئۇ يەنە  ئۆز كەسپىدە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ، نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا  ئېلان قىلدۇردى.  ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى كۆپ قاتلام، كۆپ ژانېرلىق،  مول ھوسۇللۇق ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بەزى ئەسەرلىرى مەتبۇئات يۈزىدىكى كۈچلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولسا، بەزى ئەسەرلىرى ئوبزورچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.  ئەدەبىي ھاياتى، ئىش پائالىيەتلىرى « شىنجاڭ ياشلىرى»، « بىلىم- كۈچ»، « كروران»، « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، « دەۋر سادسى»، « جەزىرە»، « دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» قاتارلىق بىر نەچچە گېزىت- ژۇرنال، كىتابتا  سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلدى.  ئىلگىر-كېيىن بولۇپ 30 پارچىدىن ئارتۇقراق ئەسىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.  ھەر خىل ناملاردا 20 قېتىمدىن ئارتۇقراق تەقدىرلەندى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-6 09:03:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر قادىرى، يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمھاللىرىنى يوللاپ ياخشى قىلىۋاتىسىز. مۈمكىن بولسا ئۆلچەملىك تەرجىمھاللارنى يوللاپ بەرسىڭىز. بەزى يوللانمىلىرىڭىز تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدەك بوپ قاپتۇ.«يازغۇچىلار لۇغىتى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىمىز مۇنبەردە بار، كۆرۈپ باققايسىز!

ۋاقتى: 2012-4-6 12:54:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر قادىرنىڭ ئەجرىگە رەخمەت.بۇ تىرىشچان ئەدىبنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-6 14:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر قادىرى ئارقىلىق بۇ ئەدىپ بىلەن تۇنۇشۋالغىنىمدىن خوشالمەن.
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەننىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-4-6 17:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم بالىلار شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى ياسىنجان ئىسمايىل ئەلتىرەش مۇئەللىمنىڭ پەرۋاز ژورىنىلىدىكى بالىلار ئەسىرى مۇئەللپلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغۇسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش