كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 1

مۇھەممەدتوختى ئەھمەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
0123038xeokcjqgqgcbz0p.bmp
        شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژۇرنالىست  مۇھەممەدتوختى ئەھمەد 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چىرا ناھىيە بازىرىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، 1955-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولغان. 1956-يىلىدىن   1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، يېڭىچە پەننىي مائارىپ تەبىيەسىگە يۈزلىنىپ، 1958-يىلىدىن 1962-يىلى 7-ئايغىچە چىرا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1962-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلىغىچە چىرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق يىلىلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇغان.  بۇ مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «مەدەنىيەت زورئىنقىلابى» بولۇۋاتقانلىقتىن، ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىي ياشلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتنىڭ روھى بويىچە  1978-يىلى 2-ئايغىچە چىرا ناھىيە  «شەر*ق قىزاردى» خەلق كوممۇناسى (ھازىرقى چىرا بازىرى) نىڭ دۆڭئېرىق ۋە ئاياغ كۆكمەت كەنتلىرىدە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن چىنىققان. دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان تۈزۈمى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش بىلەن تەڭ، ئىمتىھاندىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، 1978-يىلى 3-ئايدىن 1983-يىلى2-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى 3-ئايدىن 1984-يىلى 9-ئايغىچە قاراماي شەھەرلىك خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئشلىگەن. 1984-يىلى1-ئايدىن 1985-يىلى10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى  بەنگۇڭتىگى كاتىبات 1-باشقارمىسىدا كاتىپ بولغان، 1985-يىلى 11- ئايدىن 2004- يىلى 3-ئاينىڭ 30- كۈنىگە قەدەر خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى پارتكوم- مەمۇرىيىتىدە كاتىپ، مەكتەپ گېزىت- ژۇرنال تەھرىراتىدا مۇھەررىر، تەھرىرات باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان، ھازىر دەم ئېلىشتا.
         مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدىلا باشلانغان بولۇپ، «خوتەن گېزىتى» نىڭ 1964-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى سانىدا «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك گېزىت- ژۇرناللاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسىرى، كۆپلىگەن ئەدەبىي- ئىلمىي نەزەرىيەۋى تەتقىقات ماقالىلىرى،  پوبلېستىك ۋە بىيوگرافىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەمدە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  تەرىپىدىن 1992- يىلى «جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار» (شېئىرلار توپلىمى)» 1999- يىلى «تارىم ساھىلىدا» (ئەدەبىي- ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى) ناملىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئېلىمىزدە نەشىر قىلىنغان «ۋەتەنگە مەدھىيە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979- يىلى)، «ئۈمىد چېچەكلىرى» (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981-يىلى)، «بۇلبۇل ناۋاسى» (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ،  1983- يىلى)، «گۈزەل ئارزۇلار» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن 1984- يىلى)، «توي چاچقۇسى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1985- يىلى)، «گۈلدەستە» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 1982- يىلى)، «ئارزۇ بوستانى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  1989- يىلى)، «سەھەردىكى ناخشا» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1990-يىلى)، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1991-يىلى)، «ۋىسال شادلىقى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1991-يىلى )، «توي ناخشىسى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1991- يىلى)، «قامچا» (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ،  1993- يىلى)، «خوتەن يولىدا پايانداز» (خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى تۈزگەن، 1993-يىلى)، «خوتەندە راۋان يوللار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  1995- يىلى)، «مۇقام تۆھپىكارلىرى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  1995-يىلى)، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  1996-يىلى)، «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» (خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تۈزگەن، 1998-يىلى)، «تاللانغان رۇبائىيلار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  1999-يىلى)، «شانلىق قىرىق يىل» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 2002-يىلى)، «خويمۇ ئۇز خوتەن» (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى ،  2010- يىلى)، «يۇرۇڭقاش شادلىقى» (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى ،  2011- يىلى) قاتارلىق توپلاملارغا ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى «يازغۇچى» نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990- يىلى نەشىر قىلىنغان «تەڭرىتاغ سادالىرى» ناملىق توپلامغا بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
         ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، تۆككەن ساپ تەرلىرى بىكار كەتمىدى. ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئادىل باھالارنى بەردى، بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرى ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى: ئۇنىڭ 1985- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى ناخشا قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە «خەزىنە ئاچقۇچى قولدا» ناملىق ناخشا تېكىستى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1993-يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «پايانداز» تېمىسىدا قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «ئاھ يوللار» ناملىق چاتما شېئىرى خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى، «يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 1994- يىلى مەملىكەتلىك 5- قېتىملىق ناخشا قوبۇل قىلىش مۇسابىقە پائالىيىتىدە «يىپەكچى قىزغا» ناملىق ناخشا تېكىستى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1995- يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «يول ئىشقى- دىل ئىشقى» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە «يولۇچىلار ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق چاتما غەزىلى خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى ۋە «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 1998ـــ 2000- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «ئۇخلىمايدۇ كۆڭۈل قۇياشى» ناملىق شېئىرى 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ 2002- يىلى مەملىكەتلىك 13- قېتىملىق مۇكاپاتلىق ناخشا- مۇزىكا ئىجادىيىتى مۇسابىقىسىدە «گۈليارەي» ناملىق ناخشا تېكىستى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ 2002- يىلى «شىپاھى ماكان قەسىدىسى» ناملىق چاتما شېئىرى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ 2008- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە « خوتەن گېزىتى » ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاپتور 1- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر مۇكاپاتىغا، 2009 – ۋە 2010- يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى ئورۇنلار تەرىپىدىن 1-ۋە 2- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
        مۇھەممەدتوختى ئەھمەد شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق   يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-6 01:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ تىنىگە ساقلىق، ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش