يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان1973-يىلى 12-ئىيۇل ئاۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان.ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇ 1988-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«ئەلۋىدا بەڭۋاشلىق» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ،شېئىر ئېجادىيىتى بىلەن بىرلىكتە بارا-بارا پىروزا ، ئەدەبىي تەرجىمە ،خەتتاتلىق قاتارلىق تۈرلەر بويىچىمۇ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 450پارچىدىن كۆپرەك شېئىر،يىگىرمە نەچچە پارچە ھېكايە-پوۋېست،ئەدەبىي ئاخبارات، بىر نەچچە پارچە ئوبزور،ئوتتۇز نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسەر ،دولان مەدەنىيىتى ۋە باشقا تېمىلار بويىچە يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە، 100پارچىغا يېقىن ھۆسىنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.«ئاۋات ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(ئىچكى قىسىمدا بېسىلغان)ناملىق كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. 1995-يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئويۇشتۇرغان«يېشىل مەرۋايىت» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە «يارات تەڭرىم بىر دۇنيا » ناملىق شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.«قىرغاقسىز دەريا»(شېئىرلار)،«دولان دىيارىدىكى مۇقام ناۋاسى»(سەھنە سىنارىيىسى) ،«ئۇيغۇر ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنىڭ دولان چالغۇلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوندا بىر يورۇق نۇقتا »پائالىيىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا بىر ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ھازىرغا قەدەر «تارىم ناۋاسى»،«ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگىلىرى»،«ئۈلگۈلۈك ماقالىلەر توپلىمى»،«ھۆسىنخەتلەر،ئۆرنەك رەسىملەر »،«تەكلىماكان چېچەكلىرى»،«قەلب ساداسى»قاتارلىق كىتاب ۋە توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تۈزۈپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان « غەربىي يۇرتتا چاقنىدى تارىم » (خەنزۇچە)،(بىر دەستە نۇر ئۆتتى يالت قىلىپ» (خەنزۇچە)ناملىق شىئېرلار توپلاملىرىغا بىر قانچە پارچە ئەسىرى كۆرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتىدىن «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»( پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمى،2013-يىلى4-ئاي نەشرى)،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىدىن «ئۇپۇقتىن تارىغان كۈيلەر»(بالىلار پوۋېستى،2014-يىلى1-ئاي نەشرى)، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتىدىن «ئۇيغۇر دولانلىرىدا ئوۋچىلىق» (دولان مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلەر توپلىمى،2015-يىلى4-ئاي نەشرى)«قىرغاقسىز دەريا»(شېئىرلار توپلىمى،2015-يىلى7-ئاي نەشرى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.(ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۈق يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خەتتاتلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى.