گۈزەلنۇر مۇتەللىپ 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 20- كۈنى قارامايدا تۇغۇلغان.1997-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.ھازىر قاراماي رايۇنلۇق شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرائىيە ئىدارىسدە ئىشلەيدۇ.1990- يىلى « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «كۆرۈشتۈم» نامىلىق شىئېرى بىلەن ئجادىيەت سېپىگە قېتىلغان.1998-يىلى 3-ئايدا قاراماي يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇپ قۇبۇل قىلىنغان.« مايبۇلاق»،«تارىم »،«تەڭرىتاغ »،«شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى »... قاتارلىق ھەر قايسى گېزىت- ژورناللاردا 300پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.« كەچۈرۈڭ ، سۆيەلمەيمەن!» ،« يولدىشىمنىڭ سۆيگىنى» سەرلەۋىلىك ھېكايىسى 9- 10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.