كەل سېنى قۇچاقلاپ قويۇپ
كەل دوستۇم كېچىكلىكىمنى،
ئاتاي باغرىڭ چاتماقلىرىغا.
كەل سېنى قۇچاقلاپ قويۇپ،
ئىلىنىپ قالاي شاخچاقلىرىڭغا.
كەل دوستۇم چۇماق كۆتىرىپ،
توشقان قوغلاپ يۈرلى تېنىڭدە.
كىيىك چۈپتۇ قاپقانلىرىڭغا،
نە خىسلەت بار دوستۇم سېنىڭدە.
كەل دوستۇم تاۋكاغا بىر كەل!
ئاتتىم دوسلۇق رىشتىمنى دوغا.
چىقىپ كەتتىم نىشاننى تاشلاپ،
سېنىڭ ئېتىڭ چىقىپتۇ يورغا.
كەل دوستۇم بېغىڭغا بىر كەل!
بىر تۈپ ئەنجۈر، ئۈركۈڭ قۇرۇپتۇ.
غازىكامنىڭ بېغىغا سېنىڭسىز،
ئاق ساقال ھەم توغراق ئۈنۈپتۇ.
كەل دوستۇم جاڭگىلىڭغا كەل!
بىز ئوينىغان كەپەڭ بارمىكەن.
ۋىسالىڭنى ئىزلىدىڭمىكىن؟
شەھىرىڭدىن جاڭگال تارمىكەن.
كەل دوستۇم قېشىمغا بىر كەل!
باغرىمدىكى ئوتنى يېقىۋال.
گۈلە بولدى مىۋەڭ شۇ پېتى
ساقلاپ قويدۇم قايتا تېتىۋال!
قەشقەر(نۇر مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شۈكران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 16:33
|