قۇربانجان مۇھەممەدئىمىن ھۇنساك 1972-يىلى 2-ئاينىڭ1-كۈنى ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يېزىسىنىڭ ھۇنساك(ھازىرقى ئاتىلىشى قونساق) دىگەن يېرىدە كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ 1991-يىلدىن 1994-يىلغىچە شىنجاڭ رادىيو-تىلىۋىزىيە ئۈنۋىرىستىتىنىڭ قىزىلسۇ شۆبىسىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان.2003-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ ئۈنۋېرىستىتىدا ئەدەبىيات كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.ھازىر ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يېزا قۇرباغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.ئۇ 1988-يىلى 《شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى》 گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان《ئاسراڭ دوستۇم كىتاپنى》ناملىق شئېرى بلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 300پارچىدىن ئارتۇق شئېرى،6پارچە ھىكايىسى،10پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
《ياشلىرىمىز ئېڭىدىكى مۇھەببەت قارىشى》ناملىق ماقالىسى 《شىنجاڭ ئاياللىرى》ژورنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.《بىزدىكى مىللى غۇرۇرچىلىق ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئۇنتۇش》ناملىق ماقالىسى ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن 《ئۈلگىلىك ماقالىلار توپلىمى》ناملىق توپلامغاكىرگۈزۈلدى.<<گۈزەل يۇرت ئۈجمە>> (مەكتەپ دەرسلىگى) ناملىق كىتاۋى نەشىر قلىنىپ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىگى قىلىندى.
يېقىندا نوزۇگۇمغا خەت ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.
ئۇھازىر ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇربانجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-7 20:16