ئوسمانجان زۇنۇن 1962- يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئاقتۇ بازىرىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئىلگىرى- كىيىن ئاقتۇ ناھېيلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ، 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى ،شىنجاڭ ئونۋېرىسىتتىتى، دۆلەت ئالى مائارىپ مەمۇرى باشقۇرۇش ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان .
1981- يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ،ئاقتۇ ناھېيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئاقتۇ ناھېيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاقتۇناھېيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاقتۇ ناھېيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان .ھازىر قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە .
ئوسمانجان زۇنۇن 1981- يىلى« قىزىلسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شاتلىق » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ ،شۇندىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ» ،«جۇڭگۇ مىللەتلىرى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ مەدەنيىتى»، شىنجاڭ مائارىپى»، « «قەشقەر » ، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى »ۋە «شىجاڭ گېزىتى »، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت -ژورناللاردا ئىككى داستان ،400پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، بىر پارچە پوۋېستى،12پارچە ھېكايىسى ،40 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان . «ھايات ۋە دەريا » ناملىق شېئىرلار توپلىمى،(شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ) «مۇۋەپپەىيەتلىك ئۆگىنىش ئۇسۇلى»(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى )، « ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشاش دەستۇرى» ( شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى)،« خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە دەرسخانىدا كۆپ قوللىنىدىغان سۆز -جۈملىلەر »( شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى نەشىرياتى)،
«ئىگىلىك تىكلەش يولى»( مەكتەپ دەرسى) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان .« بولسام دەيمەن يامغۇر تامچىسى » ناملىق شېئىرى باشلانغۇچ مەكتەپ «ئەدەبىيات» دەرىسلىكىگە كىر گۈزۈلگەن .
شائىر ئوسمانجان زۇنۇن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ، قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىىنىڭ ئەزاسى. «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى » ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.