كۆرۈش: 962|ئىنكاس: 1

زەمىر سەيدۇللازادە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زەمىر سەيدۇللازادە، 1963- يىلى 4- ئايدا تاشقورغان ناھىيىسىدە بىر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئونۋىرسىتى ئەدىبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدىبىياتى تەتقىقات ئورۇنىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. خىزمەت جەريانىدا، 1985- يىلى 3- ئايدىن 1987- يىلى 3- ئايغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىنىڭ شەرىق تىللىرى فاكۇلتىتىدا پارىس تىلىدا ئوقۇغان. 1989- يىلى 10- ئايدىن 1996- يىلىغىچە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكاددىمىيىسىنىڭ رۇداكى تىل-ئەدىبىيات تەتقىقات ئىنىستىتوتى، پەلسەپە تەتقىقات ئىنىستىتوتى ۋە تاجىكىستان دۆلەتلىك ئۇنۋىرسىتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1995- يىلى 10- ئايدا رۇسىيە فىدىراتسىيىسى ئالىي ئۇنىۋان كومۇتىتى تەرىپىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئىرىشىپ، جۇڭگۇ تاجىكلىرى ئىچىدىن تۇنجى دوكتۇر بولۇپ يىتىشىپ چىققان. 1996- يىلى ئوقۇشنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملاپ زەپەر بىلەن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت ئورۇنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورۇنىدا خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ مۇھىمى كىلاسىك مىللىي ئەدىبىياتى ۋە تاجىك كىلاسىك ئەدىبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. 1996- يىلى 5- ئايدا مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ئۇنىۋانىغا، 2002- يىلى 10- ئايدا تەتقىقاتچى ئۇنىۋانىغا ئىرىشكەن. 2002- يىلى 11- ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورۇنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2005- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، پارىس تىلى، روس تىلىنى پىششىق بىلىدۇ. تىل شاراھىتى جەھەتتە زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 8- نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ھەيئىتى بولغان. ھازىر ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتى جەمىيىتى قاتارلىق بىر قانچە ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.
زەمىر سەيدۇللازادە پۇختا نەزىريىۋى ئاساسقا، ئەۋزەل تىل شارايىتىغا، مۇكەممەل تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە يىزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، دۆلەت تەتقىقات تىمىسى بولغان - « ئەرەپ-پارىس ئەدىبىياتىدىكى ئارۇز نەزىريىسى بىلەن ئىلىمىزدىكى تۈ*ركى تىللىق كىلاسىك ئەدىبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەتقىقات » نى ئىشلەپ باھالاشتىن ئۆتتى ھەم نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. دۆلەتلىك تەتقىقات تىمىسى بولغان « جۇڭگۇ تاجىك خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان » ( 2003-يىللىق ) داۋاملىق ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئۇ يەنە كوللىكتىپ تەتقىقات تىمىلىرىدىن، دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تىمىسىدىن تۆتكە قاتنىشىپ، بۇلارنى تولۇق ئىشلەپ چىقتى ھەم بۇلاردىن بىر قىسىمى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى. زەمىر سەيدۇللازادىنىڭ مەخسۇس ئەسىرىدىن ئۈچى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىدىن 20 نەچچىسى بار، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسىرىدىن ئۈچ پارچە بار. ئۇ كۆپ قىتىم خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ ئۈچ پارچە ئەسىرى ۋە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدە مۇكاپاتقا ئىرىشتى.
زەمىر سەيىدۇللازادە ئىلىمىز تاجىكلىرىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىقبالى تىخىمۇ پارلاق بولغۇسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-4 19:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەمىر مۇئەللىمىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تىنىگە سالامەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش