كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 0

تابلىدى ھوشۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تابلىدى ھوشۇر تاشقۇرغان ناھىيىسىنىڭ ۋەرشىدى كەنتىدە چارۋۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1939-يىلى تاشقۇرغان بازىرىدىكى شەنلى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1940-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە قەشقەر نەزەرباغدىكى تاجىك مەكتىپىدە ئوقۇغان. شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ لىڭشىپ قىلىشى نەتىجىسەدە ئىقتىسادى مەنبە ئۈزۈلۈپ قىلىپ، ئۇ مەكتەپ تاقىلىپ قالغاچقا، تاشقۇرغانغا قايتىپ كېلىپ، يەنە ئىككى يىل (1945-يىلىغىچە) شەنلى مەكتەپتە ئوقۇغان. شۇ يىلى 8- ئايدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە تاشقۇرغان مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسى چىگرا مۇداپىيە سىپىدە ۋە كىيىن تاشقۇرغان ۋالىي مەھكىمىسى ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. 11 بىتىمدىن كىيىن ئائىلىسىگە قايتىپ، 1946-يىلى 11-ئايدا گومىنداڭ تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. 1950-يىلى تاشقۇرغان يىزىلىق ھۆكۈمەتتە كاتىپ، 1953-يىلى رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتە مائارىپ كادىرى، 1954-يىلى ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدە مۇخبىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
   1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يىزىق كومۇتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچىدە، 1956-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە بېيجىڭدە تىل تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ 1966-يىلىغىچە تاشقۇرغان ناھىيىلىك مەدىنيەت يۇرتۇدا ئىشلىگەن. 1966-يىلى «مەدىنيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىشى بىلەنلا خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇپ، 1974-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كىيىن (1983-يىلىغىچە) مەدىنيەت ئىدارىسىدا كادىر، ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمۈكىنىڭ باشلىقى، مەدىنيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەنىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈگەن، 1984-يىلى پىنسىيىگە چىققان.
   تابلىدى ھوشۇر تۆھپىكار مەدىنيەت ئەربابى، جۇڭگۇ تاجىك ھازىرقى زامان ئەدىبىيات-سەنئىتىنىڭ پىشقەدەم ۋەكىلى ۋە ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تىل تەتقىقاتى، خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئەدەىي ئىجادىيەت، تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن پائال شۇغۇللۇنۇپ، تاجىك خەلقىنىڭ مەدىنيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش