كۆرۈش: 2953|ئىنكاس: 2

ئەختەم ئۆمەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
123806kyxzdyk1hg1za2pt.jpg       
ئەختەم ئۆمەر، 1962-يىلى مەكىت ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ يېزا ئىتتىپاق كادىرى، قەشقەر شەھەرلىك رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتورى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، تەڭرىتاغ كېنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سىنارىستى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا»، «قانلىق جىلغا»، «سەھەرنىڭ قىممىتى»، «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام»، «يىگانە ئارال» (ئىككى قىسىم)، «ئۆزۈڭگە ئىشەن»، «غېرىپ ـ سەنەم» قاتارلىق پوۋېست ـ ھېكايىلەر توپلاملىرى، رومانلىرى بار.

        ئۇنىڭ «ئاھ، رەھىمسىز دەريا» ناملىق كىتابى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە<<تۇلپار>> مۇكاپاتىغا، «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «نۇرتاي ھاجى» ناملىق دىراممىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر دىرامما مۇكاپاتىغا، «چىن مۇھەببەت» ناملىق تېلۋېزىيە ـ تىياتىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئايرىم ھېكايىلىرى بىرنەچچە قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-3 21:18:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئەختەم ئۆمەر

مەنمۇ ساقلاپ قويغانلىرىمنى يوللاپ قۇياي .ئىككىسىدىن تەڭ پايدىلىنارمىز .


ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1963 - يىل 10 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1980 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ مەكتتىكى شۆبە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1981 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيلىك رادىئو ئۇزېلىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلى قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ دىكتورلۇق قىلغان، 1988 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1994 - يىل 8 - ئايدىن تارتىپ تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىلى "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <بىزنىڭ شۇجى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ "ھېلىقى يەر" قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ھېكايە،"ئاھ، رەھىمسىز دەريا"، "زېمىن قارا ئادەملەرىڭگە"، "قىيامەتتە قالغان سەھرا"، "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل"، "تاش مۇنار" قاتارلىق پوۋېسىتلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
       ئەختەم ئۆمەر مول ھوسۇللۇق يازغۇچى. ئۇ، پروزىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، "ئۇرتوقماق"، "سىرتماق"، "قارا باسقان كېچە" قاتارلىق رادىئو درامىسى ۋە درامىلارنى؛ "گۆلەخ بالىسى"، "توغراقنىڭ رىۋايىتى" قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتلارنى،"يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق چوڭ ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى، "ئۆزىمىزنى تونۇيلى"، "ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇمدۇق ياكى تىرىك چېغىدا پەرۋىش قىلامدۇق" قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلەرنى، "دولان مەشرىپىنىڭ دراماتىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا"، "يازغۇچى بولمىسا بولمايدۇ" قاتارلىق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن "ئاھ، رەھىمسىز دەريا" ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، "قىيامەتتە قالغان سەھرا"  ناملىق پوۋېسىت، ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى، "تۇنجى ئاخشام" ، "سۆيگۈ قەدرى" ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار. "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق ئەسەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1994 - يىل شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەختەم ئۆمەر ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



ۋاقتى: 2012-4-5 16:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىمىزنىڭ كاتتا ئەدىپى، غۇرۇرلۇق يازغۇچى ئەختەم ئۈمەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەققىدىكى سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى ئويغاتقان يازغۇچى، 80-يىللاردا تېخى ئەدەبىياتىمىز ئويغۇنۇش دەۋرىدە تۇرغان چاغلادىلا، بۇيازغۇچى ئويغۇنۇپ بولغان ياغۇچى ئىدى.
يۇقارقى ئەسەرلىرى مەندە ئاساسەن تۇلۇق ساقلاقلىق ئىكەن. يۇقارقىلاردىن سىرىت يەنە« قىيامەتتە قالغان سەھرا، باياۋاننىڭ سىرى» قاتارلىق كىتابىمۇ بار.
ئاخىردا پەخىرلىك يازغۇچىمىز ئەختەم ئۈمەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 16:48  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش