كۆرۈش: 4443|ئىنكاس: 0

ئازات سۇلتان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      1249089bh3fysejcfddevs.jpg
ئازات سۇلتان، 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل _ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇتقۇچى، پاكۇلتىت مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان. ھازىر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسسورى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 7- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

      ئازات سۇلتان 1975-يىلى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1999-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

      ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن: «چىرايلىق دوست» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ «ئەدەبىي زوق ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پەلسەپە ـ ئىجدىمائىي پەن تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر پىروزا ئىجادىيىتىدىكى تىراگىدىيەلىك ئاڭ» ناملىق ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2-نۆۋەتلىك پەلسەپە ـ ئىجدىمائىي پەن تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى  بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتى ۋە  بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە» ناملىق كىتابى مۇنەۋۋەر ئەسەر نەتىنجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش