ئەخەت تۇردى، 1940-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. تۇلۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە. «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى ئۇنۋانىغا ئىگە. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى. 1958-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «بەخىتسىز سەئىدىيە»، «سەرسان روھ» قاتارلىق رومانلىرى، «شاۋقۇنلۇق دەريا»، «خەير ـ خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «ئەلۋىدا كۆز يېشىم»، «گۈلخان» قاتارلىق ھېكايە ـ پوۋېست توپلاملىرى بار. ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر پوۋېست مۇكاپاتىغا، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يېڭى دەۋىردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر كىتاپ مۇكاپاتىغا، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىتاپ مۇكاپاتىغا، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە 7-نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «تەڭرىياغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپات»غا ئېرىشكەن.