ئاتىكەم زەمىر(تاجىك)، 1943-يىلى تاشقورغاندا تۇغۇلغان. 1959-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت پاكلۇتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تاشقورغان ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەك ، تاجىك ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1983-يىلىدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت يۇرتىدا خىزمەت قىلغان. 2005-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «مۇزتاغ يۈرىكى»، «پامىرنىڭ ھېكايىسى»، «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر»، «مۇزتاغ سۆيگۈسى» قاتارلىق رومان، ھېكايە ۋە شىئېرلار توپلاملىرى بار.
ئۇنىڭ «مۇزتاغ يۈرۈكى» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە 6-نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئونغا يېقىن ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. ئىككى قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «تۆھپىكار ئايال يازغۇچى» بولۇپ باھالانغان.