ھاجى ئەخمەت كۆلتىگېن، 1942-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1960-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. «قەشقەر» ژۇرنىلىدا تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئاتقۇرغان. 1958-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1994-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئالتۇن ئاچقۇچ»، «شەپەق»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار»، «قىيان»، «كىتاپ ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت»، «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، «سىرلىق ئالتۇن»، «ھاجى ئەخمەت رۇبائىلىرى»، «ياۋا گۈل»، «سەلەي چاققان ھەققىدە ھېكايىلار» قاتارلىقلار بار.
ئەسەرلىرى 1980-يىلى شىنجاڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 30يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر پەن ـ تېخنىكا خادىمى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئايرىم ئەسەرلىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.