ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، 1951-يىلى چېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. شۇندىن باشلاپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، جۇڭگو قەرەللىك ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ياشلار گېزىت ـ ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1965-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. «داغ»، «بوز دالا» قاتارلىق 18پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.