غوجىمەھەممەت مۇھەممەت 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. 1990- يىلدىن 2002- يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن. 2005- يىلدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 1500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلى ئېلان قىلىندى. «قۇياش يالغان ياكى قار يالغان»، «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان«ئاقيول شېئرىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.ئۇ 2004- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.