ئابدۇللا سۇلايمان، 1952-يىلى چىرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. خەلق قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، خوتەن ۋىلاييەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. ھازىر ئۇ خوتەن ئالى تېخنىكومى ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ پىرافىسسورى.
ئۇ 1964-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1993-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ھازىرغىچە «يۇرۇڭقاش ناخشىسى»، «بۇ مۇھەببەت، بۇ ياشلىق»، «ھايات ئۈنچىسى» قاتارلىق سەككىز كىتابى نەشر قىلىنغان. تۇزگەن، تۈزۈشكە قاتناشقان «يېزىقچىلىق بىلىمى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» (14قىسىم) 22 كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئايرىم ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.