ئابلىمىت سادىق، 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، باش مۇھەررىرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مەملىكەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمىئىيىتى،جۇڭگو «ماناس» تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇ 1952-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ھازىرغىچە 80 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرلىرى ئېلان قىلىنغان. «ماناس»نىڭ قىسمەن باپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان. 12 پارچە ئەدەبىي كىتاپنىڭ، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»(1-2-قىسىمى)نىڭ، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»(ئالتە تومى)نىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 30 نەچچە ناھىيەنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» توپلىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. ئۇ ھازىر «جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلىمى شىنجاڭ قىسىمى»نىڭ باش مۇھەررىرى.