خالىدە ئىسرائىل، 1952-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل _ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن مەشخۇل بولغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مائاۋىن رەئىسى.
خالىدە ئىسرائىل 1987-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1993-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئېھ، تۇرمۇش»، «گۈزەل ئەسلىمە»، «تاش شەھەر»، «شەھەردە كالا يوق»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «ئۇ كۆزلەر»، «رەڭدار بۇلۇت»، «باھاردىكى قار»، «ئوربىتا»، «تىمتاس شەھەر»، «ئارمان»، «ئانا دەريانى ئىزدەش»، «يىراقتىكى ئىزلار» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ «رەڭدار بۇلۇت» ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر ياش يازغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «تىمتاس شەھەر» ناملىق پوۋېستى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «گۈلزار» مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.