قۇربان مولنىياز ،1966-يىلى باي ناھيىسىدە دۇنياغا كةلگةن.ئىلگىر-كېيىن بۇلۇپ،ئاقسۇ ۋىلايةتلىك مالىية-سودا مةكتىۋى، ئۈرۈمچى شةھةرلىك كةسپىي ئۇنۋېرسىستى،شىنجاڭ مالىية-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىداا ئۇقۇغان؛ھازىر باي ناھيىلىك مالىية ئىدارىسدة خىزمةت قىلىپ كةلمةكتة. باي ناھيىلىك ئةدةبىيات سةنئةتچىلةر بىرلةشمىسى يازغۇچىلار جةميىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رةئىسى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
قۇربان مولنىيازنىڭ ھازىرغا قةدةر ‹‹شىنجاڭ سةنئىتى››،‹‹شىنجاڭ مةدةنيىتى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئاقسۇ ئةدةبىياتى››،‹‹ئاقسۇ گېزىتى››قاتارلىق مةتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ژانېردا 100پارچىدىن ئارتۇق ئةسىرى،‹‹شىنجاڭ مالىية-بوغالتىرلىقى››ژۇرنىلىدا مالىية-باج خىزمىتىگة ئائىت 20پارچة ئىلمىي نةزىريىۋى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .‹‹باياۋاندىن باشلانغان يوللار››،‹‹غايىب بولغان قةھرىمان ››قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ئةسةرلىرى كىرگۈزۈلگةن،بىر قىسىم شىئېرىي ئةسةرلىرى خةنزۇ تىلىغا تةرجىمة قىلنىپ خةنزۇچة كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگةن.‹‹مۇزات ئانا ››ناملىق ئةدةبىي ئاخباراتلار توپلىمى نةشىر قىلنغان. باي ناھيىلىك2-نۆۋةتلىك ‹‹ئةدةبىيات-سةنئةت تۆھپة مۇكاپاتى››غا ئېرىشكةن .