ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، 1941-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرياتىدا مۇھەررىر، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئالى مۇھەررىر. 40يىلدىن بۇيان مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن كىتاپلىرىنىڭ سانى 300دىن ئاشىدۇ.
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر 1956-يىلى ئىجادىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 1993-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئۈمىد چىچەكلىرى»، ئۈمىد غۇنچىلىرى»، «دەريا ۋە بۇلاق»، «كۆڭۈل سۆيگۈسى»، «ئالما»،«بازار نەرقى» قاتارلىق شىئېر ۋە ھېكايە توپلاملىرى بار. ئۇ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن بەزى كىتاپلار مەملىكەتلىك1 -2-دەرىجىلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر پەن ـ تېخنىكا خادىمى بولۇپ باھالانغان.