ئابلىمىت سابىر ،1938-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1956-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. قەشقەر شەھەرلىك پارتىكوم، مەدەنىيەت ئىدارىلىرىدا خىزمەت قىلغان. 1955-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1988-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئىشىك باققۇچى»، «باھاردىن كېيىن»، «بىخ»، «نوتا»، «چېچەكلەر ئېچىلغاندا» قاتارلىقلار بار