ئابدۇرېھىم غازى (غازى ئوغلى)1968-يىلى7-ئايدا قەشقەر شەھرىنىڭ ئەۋرىشىمكار كوچىسىدا بىر ئاددىي خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن.1992-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىدىن باشلاپ ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ ھازىر ‹‹شىنجاڭ جەۋلان ئادۋوكاتلىق ئورنى››نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەخسۇس ئادۋوكاتى.
ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا شىئېرىيەتكە ئىشتىياق باغلىغان. 1987-يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.‹‹تارىم››،«قەشقەر»(بۇرۇنقى ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››)،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››،‹‹قەشقەر گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا«داغدا قالغان مىسرالار» «ئۇنتۇلغان چۈشلەر»«كويلىرىڭدا كىتەرمەن بەلكىم»«تەۋەرۈك تومۇردا ئاققان بىر قانمەن» قاتارلىق تېمىلاردا ۋە باشقا تېمىلاردا200پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.2003- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا«غازى ئوغلى نامىدىكى نەسرىي ئەسەرلەر مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» ئۆتكۈزگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەم شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.