غىلاجىدىن ئوسمان (تاتار)، 1938-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشرياتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەرجىمە باشقارمىسى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل _ يېزىق كومىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. تەتقىقاتچى.
2009-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«باھار مۇقەددىمىسى»، «مۇز تاغدىن ھالقىش»قاتارلىق شىئېر، نەسىرلەر توپلىمى، «ماۋ زېدۇڭ شىئېرلىرى»،«ياشلىق ناخشىسى»، «كىشىلىك ھايات»، «يېتىمنىڭ كۆز يېشى»، «چەتئەل پوۋېستلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى، «تەرجىمىنىڭ ئاساسى قائىدىلىرى»قاتارلىق ئىلمىي كىتاپلىرى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:41