ئىمىن ئەخمىدى،1944-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1967-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1959-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«بەخت ناخشىسى»،«سۆيۈلگەن يىللار»، «گۈل دېڭىزى»، قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى، «شۇ ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى»، «بۆرە تۇتىمى»، «قۇتادغۇ بىلىك ۋە غەرىپ مەدەنىيىتى»، «ئۇيغۇر تارىخى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. ئايرىم ئەسەرلىرى «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.