ئىمىن تۇرسۇن،1924-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1941-يىلى ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى، ناھىيە ھاكىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1941-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «تەلپۈنۈش»، «ناۋايى»، «قەدىمقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق شىئېر، ئىلمىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:42