تەلئەت ناسىرى(ئۆزبەك)، 1940-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1957-يىلى ئۈرۈمچى كېنو ئارتىسلىرىنى تەربىيەلەش تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. شىنجاڭ ھەربى رايۇنى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەتچىسى، «خەلق ئارمىيەسى» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، شىنجاڭ ئۆزبەك مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.
1958-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1994-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «جەڭچى ناخشىسى»، «يىللار»، «كاككۇك گۈلى»، «ئارمىيە قىزى»، «ئايدىڭ كېچە» قاتارلىقلار بار. ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە شىنجاڭ ھەربى رايۇنى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.