تۇرسۇنمەھەممەت ئىمىن، 1941-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ، مەدەنىيەت ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقى، ئىلى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرسۇنمەھەممەت ئىمىن 1970-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 2002-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «باھار تەسىراتلىرى»، «ئانا تۇپراق»، «چۇقان»قاتارلىق شىئېر توپلاملىرى، «ئارىسالدا يازغۇچى»، «غەزەپنى ئۇنتۇغان ئادەم» قاتارلىق ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلاملىرى، «لالە» ناملىق رومانى بار. ئۇ ئۈچ نۆۋەت ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.