رەخىم قاسىم،1936-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1953-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل _ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «تارىم»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرناللىرىدا مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئالى مۇھەررىر. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 7-نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى. 1951-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1987-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«تۇرمۇشقا مەدىھىيە»، «چولپان»، «يەر ـ ئانام»، «نۇرلۇق كېچىلەر»، «ئىككى ئەۋلات» (سىنارىيە، بىرلەشمە توپلام) قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى، «دەسلەپكى سۆيگۈ»، «تىيانشان ناخشىسى»، «ئىنقىلاۋى قۇربانلار شىئېرلىرى»، «خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ شىئېرلارتوپلىمى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ «چولپان» ناملىق داستانى 1980-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك، «يەر ـ ئانام» ناملىق شىئېرى 1985-يىلى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.