كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 0

قەھرىمان روزى ئەرچىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
kahriman rozi-1.jpg .

قەھرىمان روزى ئەرچىننىڭ تەرجىمىھالى
قەھرىمان روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30-دېكابىردا باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،  ھازىر باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا يەرلىك ژۇرنال ــ «مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋە تاشقى تەشۋىقات مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   ئۇنىڭ ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسرلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بالىلارغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ.
  1993-يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئويۇشتۇرغان ياش ئەدىبلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت سىمىنارىيەسىدە بىر پارچە شېئىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1994-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئويۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1996-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى ‹قەشقەر› ژۇرنىلى) ژۇرنىلى ئويۇشتۇرغان «ئانا يۇرت-ئالتۇن دىيار» تېمىسىدىكى شېئىر-نەسر مۇسابىقىسىدا ئىككى پارچە نەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن. 2008-يىلى «ئاي قوشىقى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى 17-قېتىملىق ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› غا، ۋە شاڭخەي-ئاقسۇ ھەمكارلىقىدىكى «پۇجياڭ لوڭقىسى»  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «تارىم ناۋاسى»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سېنى ئۇنتالمايمەن»، «غايىپ بولغان قەھرىمان»، «تەكلىماكان چىچەكلىرى»، «‹شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما››نىڭ ‹نەسىرلەر توپلىمى›» (خەنزۇچە)، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە)، «ئىللىق ۋەنباڭ» (خەنزۇچە)، «شائىرانە باي» (خەنزۇچە)، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى: تەرجىمە - نەشر تۈرى» گە كىرگۈزۈلگەن «جوڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرجىمە ئەسەرلىرى» تومىنىڭ ئۇيغۇر تومى (خەنزۇچە)، «يېڭى دەۋر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى» تومىنىڭ ئۇيغۇر تومى (خەنزۇچە)...قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا شېئىر-نەسرلىرى تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان، يەنە بىر  تۈركۈم شېئىر-نەسرلىرى  خەنزۇچە ژۇرناللاردا  ئېلان قىلىنغان. 2014-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مەشۇقسىز مەكتۇپ» ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى (يەتتە كىشىلىك) نەشر قىلىنغان. ئۇ  1999-يىلى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.
   قەھرىمان روزى ئەرچىن ھازىر  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى (ئېغىز ئەدەبىياتى) جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى.

2010830191754k.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش