ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى، 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قورغاس ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە ئوقۇيالىغان.شۇندىن بېرى دېھقانچىلىق ھەم ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1996-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تۈرلۈك ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا 250 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان.‹‹تەڭرىتاغ››،‹‹ئىلى دەرياسى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا تەرجىمھاللىرى
بېرىلگەن،بىر قىسىم شېئىر ۋە نەسىرلىرىگە ماقالە،ئوبزۇرلار يېزىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.ئۇ ئىزچىل ھالدا شېئىر ۋە نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ...