ئەسقەر ياسىن 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1992-شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1996-يىلىدىن باشلاپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.
ئەسقەر ياسىننىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. «قۇملۇق، چۈش ۋە رىئاللىق» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى،«نەي چالغان ئادەم»ناملىق شىئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى. «پۇشايمان خاتىرىسى» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلاندى.
ئۇ ھازىر«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىي ئاخبارات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.