ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1970- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى بورتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1991- يىلىغىچە بورتالا شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق مەكتىپىدە بۇغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1993- يىلىدىن 2010-يىلغىچە بورتالا شەھەر ئۇتۇبۇلاق بازارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدا، 2011-يىلدىن كېيىن ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. 2002- يىلى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى تاماملىغان.
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1993- يىل 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، «چىرايلىق تەقدىر»، «ئۆزۈمگە بېغىشلاپ» قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى، 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە-پوۋستلىرى ئېلان قىلىنغان. <<ئوتلۇق تىلەكلەر >> قاتارلىق 4 پارچە شېئىرى مۈنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «يۈرەكسىز سۆيگۈ» ناملىق توپلامغا كىرگۈزىلگەن. 2000- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى پۇرسەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 2007- يىلى تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۆھپە مۇكاپاتىغا؛ 2011-يىلى مۈنەۋەر ئەدىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011 - يىلى << 536 ـ بېكەتتىكى قار ناخشىسى>> ناملىق ھېكايىسى 18 ـ نۆۋەتلىك << خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردا <<پەرىشتە ئانا>>، <<كۈلرەڭ قۇياش>>، <<پىشانىگە پۈتۈلگەن ئازاب>>، <<ئەزرائىلنىڭ سەھىرى>> قاتارلىق سىنارىيەلىرى تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ خەلىق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە بورتالا ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.