كۆرۈش: 1806|ئىنكاس: 0

ساجىدە سۇلايمانقارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
sajida.jpg

    ساجىدە سۇلايمانقارى، 1967- يىل 6-ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى سېرىقبۇيا بازىرىدا تاماملاپ،  1981- يىل 9-ئايدىن  1984- يىل  7- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ تاماق مەدەنىيىتى ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى كەسپىدە  ئوقۇغان؛ 1984- يىل- 7- ئايدىن 1988- يىل 9- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان ۋە شۇ يىلى 10- ئايدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ھازىرغا قەدەر شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا 1992- يىلدىن 1995- يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  خەنزۇ تىلى كەسپىدە، 1997- يىلدىن 2000- يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، 2011- يىل 6- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئايال ئەدىبەلەر كىتاب ئوقۇش سىمنارىيەسىدە، 2013- يىل 10- ئايدا «خۇنەن ماۋ زىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى»دا تەربىيەلەنگەن.
   ساجىدە سۇلايمانقارى كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن بولۇپ،  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدىن باشلاپلا ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدىكى شېئىرلارنى مەكتەپ سەھنىلىرىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. تولۇقسىز 1- يىللىققا چىققاندىن كېيىن ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مۇستەقىل شېئىرلارنى يېزىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆسمۈرلەر گېزىتىدە ئېلان قىلغان ۋە مەكتەپ ھەم بازارلىق رادىئو ئۇزىلىدا  دېكلاماتسىە قىلغان. 2005- يىلى «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ماقالىسى بىلەن يېزىقچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويۇپ،  «تارىم» ،«تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «قەشقەر»، «يېڭى قاش تېشى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»، «كرورەن»، «شىنجياڭ گېزىتى»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا  پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، نەسر قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە» (پوۋېست)، «ئەينەك» (ھېكايە)، «قەپەز» (ھېكايە)، «ئەتلەس شارپىلىق ئات» (ھېكايە)، «ئاق يامغۇر» (ھېكايە)، «سۆسۈن رەڭلىك تەپكۈچ» (پوۋېست)  قاتارلىق ئەسرلىرى ئوبزورچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئىككى پارچە پوۋېستى ۋە سەككىز پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
    2011-يىل  3-ئايدا  ئۇنىڭ  «مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنىپ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. 2013-يىلى بۇ رومان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەسلىي ئىجادىيەت ئەسەرلەر  قۇرۇلۇشىدىكى نادىر كىتاب» بولۇپ باھالانغان ۋە دۆلەتنىڭ «شەرق شىمال قۇرۇلۇشى» تۈرىگە تاللىنىپ قايتا نەشىر قىلىنغان ھەم كۆپ قېتىم داڭلىق ئوبزورچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن، شىجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلغان. ھازىر بۇ رومان خەنزۇ تىلىغا  تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. «مۇھەببەت يۇلتۇزى» ناملىق 2- رومانى  2014-يىل مارتتا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئىشتىن سىرتقى مەكتەپلەردە ئەرەب تىلى ۋە تۈرك تىللىرىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئىككى پارچە بالىلار ھېكايىسى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ  ھازىر   ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش