ئىگىسى: tvnyukuk

تۈنيۇقۇق، دىلئاچار (ت): شى يەن ــ ئانا يۇرت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-29 01:06:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 00:44
تىچلىقمۇ؟  بۇ  مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت! ...

ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل ئويلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ، دوستۇم ئەرچىن؟ بىز ھەممىمىز ئۇيغۇرنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيمىز، بولۇپمۇ، توردا پىدائىيلار مەتبۇئاتلاردىن تاللاپ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ئەسەرلەرنى بولسىمۇ ئوقۇيمىز. نېمە ئۈچۈنكى، تەپەككۈرى ئاددىي بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرى، ئانا تىلى، مۇنازىرىلىرى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ. ئىنىمىز ئابدۇنىيازمۇ يەنىلا شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ. پەقەت شۇ ماقالىنى يازغاندا سەل ئالدىراپ قېلىپ گەپنى باشقىچە ئىپادىلەشكە سەل قاراپ قالغان يېرى بار.

باھا سۆز

گەپنىڭ ئورامىغا قايتا قاراڭ!  ۋاقتى: 2016-1-29 01:27 AM
تۇنيۇقۇق بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق دېگەن.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:17 AM
جۇلا، ئابايقى ئىنكاسلىرىڭىزنى بىر «ئوشۇقچە» سۆز ئۈچۈن ئۆچۈردۈم.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:13 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 01:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 00:44
تىچلىقمۇ؟  بۇ  مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت! ...

يەنە بىر جەھەتتىن مەن بارلىق ئۇيغۇر ئاپتۇرلار يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇمايمەن دېمىدىم، (شۇ ۋاقىتتا كىىشلەرنىڭ بۇنچلىك چۈشەنمەسلىكىنى ئويلىغان بولسام ماۋزۇنىڭ ئۇزۇن بولۇپ  كېتىشىىدن ئەنسىرەپ ئولتۇرماي، مەيدانىمنى ماۋزۇدىلا ئىپادىلەركەنمەن)
بۇ مۇنبەرمۇ شۇنداق ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرنى كىرپ ئوقۇيمەن، بەزى ئاپتۇرلانىڭ ئەسەرلىرىگە قاراپمۇ قويمايمەن.
مېنىڭ ئەسەرلىىرممۇ شۇ ، ياقتۇرغانلار ئوقۇسۇن، ياقتۇرمىغانلارنى گالدىن ئالغىلى بولمايدۇ، بۇ دېگەن ئەركىنلىك تەرىپىدىن يېتەكلىنىۋاتقان ئەركىن جەمئيەت.
لېكىن ئۇ يازمامغا ئاساسەن مېنى ئۇيغۇرلار يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىكەن شۇڭا ئەسەرلىرىنى چىقارمايلى دەپ مېنى دەپ يۇقرىقىدەك ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن بولسا مەن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇلارنى مەن ئۈچۈن كاللا ئىشلەتكۈزۈپ جىق ئاۋارە قىپتىمەن

باھا سۆز

شۇنداق دېگەنلىكىڭىز ئېسىمدە. بىراق، ئۆچۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى ئۇ ئەمەس.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:36 AM
مانا، چاقچاققا چاقچاق بىلەن جاۋاپ يوقما؟ بالا كىچىك.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:25 AM
ۋاقتى: 2016-1-29 01:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ تالاش تارتىشلارنى قويۇپ «ئېنتېرنېت دەۋرى» نى كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ بىر ھۆججەتلىك فىلىم، پات يېقىندا ئۇيغۇرچىمۇ بوپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 01:15  


ۋاقتى: 2016-1-29 01:19:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىشخانىغا پۈتۈن جۇڭگۇدىكى ھەممە گېزىت كېلەمدىكىن دەيمەن. خەلق گېزىتى، نۇر گېزىتى، بۇرۇن ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان گېزىتلەر...يېزىلـمىغان گېزىتلەرمۇ كونۋېرت بىلەن كېلىدۇ باشلىقنىڭ ئەمەل نامىغىلا. ئاي ئۆتۈپ بىرەر تاختا گېزىتكە قاراپمۇ سالـمايمەن. مازلىقى گېزىتلەرنىڭ...خەلق گېزىتىنىڭ ئەدەبىياتقا دائىر ئوبزورلىرىنى بۇرۇن ئوقۇپ قوياتتىم....كېيىن كاللامنى بۇلغاپ يۈرمەي دەپ ئوقىماس بولدۇم. باشقا گېزىتلەردىغۇ پات ـ پات ئاياق سۈرتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 01:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 01:19
بىزنىڭ ئىشخانىغا پۈتۈن جۇڭگۇدىكى ھەممە گېزىت كېلەمدىك ...

ئۇنداق دېمەڭ، گېزىتكە مەڭگۈ ئەسىرىڭىز چىقمايدۇ بولمىسا، سەن بەرىبىر گېزىت ئوقۇمايتىڭغۇ؟ گېزىتقا ئەسەر بېرىپ نېمە قىلىسەن دەپ،

باھا سۆز

بالا كىچىك، ئويلىرى ئاران مۇشۇنچىلىك.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:37 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 01:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 01:19
بىزنىڭ ئىشخانىغا پۈتۈن جۇڭگۇدىكى ھەممە گېزىت كېلەمدىك ...

ئىىدىيىڭىز بۇلغانسىمۇ، ۋاقتىڭىزنىڭ زايە بولسىمۇ، شۇلارغا چىداپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇشىڭىز كېرەك ئىدى.

ۋاقتى: 2016-1-29 01:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئەرچىن، چاتاق يوق، مەن ھازىر توردىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتسەم دەيمەن، ھازىرغا كەلگۈچە ئىكاسلىرىم ئۆچۈپ كەتسە پەقەت خاپا بولۇپ باقمىدىم. سەل كاللام قىزىيدىغىنىنى ئۆزۈم ئوبدان بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا مەندەك كەم سۆز ئادەم يوقمىكىن، دەيمەن. رېئاللىقتا شۇنداق. بۇ تور ۋاقىتنى بەك ئالىدىكەن. بولسا ئارخىپىمنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولساڭلار. ئارخىپىم ئۆچۈرۈلـمىسە پات ـ پات كىرىپ ئۆزۈممۇ تۇيماي ئۇنى ـ بۇنى يېزىپ سالىدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە مەن چىۋىن چاغلىق نەرسىگە ئازار قىلـمايدىغان ئادەم ئىدىم. راست ئاداش، بۇ ھېچقانداق تەنە گەپ ئەمەس. سىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن. ئۆزۈڭلەر بىلىپ بۇ ئۆتۈنۈشنى ئورۇنلاپ بەرسەڭلار.

باھا سۆز

گەپ ئورامىغا دىققەت قىلىپ قويساقلا كۇپايە. ئارتۇقچە ئويلىماڭ!  ۋاقتى: 2016-1-29 01:35 AM
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بەكلا كەم سۆز ئادەم. بۇ جەھەتتە ئوخشاشكەنمىز.  ۋاقتى: 2016-1-29 01:34 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 01:39:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 01:30
دوستۇم ئەرچىن، چاتاق يوق، مەن ھازىر توردىن پۈتۈنلەي چى ...

مەنمۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتابنى ئوقۇپ، بىكار ۋاقتىم بولسىلا يەنە كىتابلارنى ۋاراقلاپ يازغۇچى، پەيلاسوپلار بىلەن خىيالەن پاراڭلاشقان، ھېچكىم بىلەنمۇ ئازارلاشمىغان ۋاقىتلىرىمنى بەك سېغىندىم.  پارچە پۇرات ئۇچۇرلارنى جىق بىلگىنىم بىلەن جىق چىكىنىپتىمەن. ئۆزۈمگە بۇرۇن يىرگىنىدىغان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇپتىمەن. مەنمۇ سىزدەك تىپتىنىچ چىكىنىپ، بۇلاردىن بىراقلا قول ئۈزۈپ، خىلۋەت ئۆزۈمنىڭ ئىىشنى قىلسام دەيمەن.

باھا سۆز

«ئۇيغۇرلار يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇماسلىق» ئۈچۈن بولسىمۇ چېكىنمەڭ!  ۋاقتى: 2016-1-29 01:50 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش