يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: Ansad

شائىر مۇھەممەد چاۋار ۋاپات بولدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-25 20:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن ھەممىمىز چەكسىز قايغۇرماقتىمىز. ئۇ ناھايىتى ئىسىل ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى تىلەيمەن. ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-25 21:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مېنىڭ نەزىرىمدە،  مۇھەممەد چاۋار ئەپەندى تونۇلغان جامائەت ئەربابى،  ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ پەرۋىشكارى، تەشكىلاتچىسى ئىدى؛ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئەدەبىي ئەسەرلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرى، كىتابلىرى بىلەن تونۇلغان تالانتلىق ئەدىب ئىدى؛ خوتەن ئەدەبىياتىنىڭ سەركىسى بولۇپلا قالماي، بىر پۈتۈن  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ  سەركىسى ئىدى.  ئۇ  خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە،  ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يېتىپ قالغان ئۇستاز شائىر روزى سايىتنىڭ داۋالىنىشىنى ئەڭ ياخشى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاپات بولغاندىن كېيىن دەپنە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى ناھايىتى تەرتىپلىك، ياخشى بېجىرىپ، دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزگەنىدى.     6 ^( [; r; \: {6 T" [
        ئۆزەم خوتەن شەھىرىدە تۇرۇغلۇق،  ئىككى كۈن تورغا چىقمىغانلىق سەۋەبىدىن،  مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى كېچىكىپ ئاڭلاپ، تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنىمەن. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمەن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆمۈر قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-25 21:25  
  T: w. N2 E: w4 x5 u
4 y- D  h6 J! _& j' F) `  j0 @) k

ۋاقتى: 2016-1-26 11:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، شائىر، ژۇرنالىست، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ناتىق، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق باش كاتىپى مۇھەممەد چاۋار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر يار بولسۇن." i* ?3 S3 K* i6 I4 j, C1 J

ۋاقتى: 2016-1-26 14:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىسىت!  نەچچە كۈن توردا يوق ئىدىم، بۇ خەۋەرنى بۈگۈن كۆرۈپتىمەن. مەرھۇم بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولساممۇ، بىرنەچچە قېتىملىق قىسقا پىكىرلىشىشلەردىن كېيىنلا بۇ ئاكىمىزنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ يۇرت ئاتىسى بولۇشقا مۇناسىپ بىر زات ئىدى. ئەمدى خەلقىگە قىلغان ئەمگەكلىرى، قالدۇرغان ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياد ئېتىلگەي! مەرھۇمغا ئاسانلىق، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-26 14:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەرھۇمنىڭ تېخى يېقىندىلا نەشردىن چىققان «قۇملۇق ئەپسانىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇۋاتاتتىم. كۈتۈلمىگەندە يېتىپ كەلگەن بۇ مۇسىبەت خەۋىرى دىلىمنى خۇن ئەتتى.گۇما ناھىيىسىدىكى يازغۇچى-شائىرلار بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشىپ چىققان بولساممۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. 0 v' S( `9 l8 p  O1 y
   قازاغا رىزا! ئەلۋىدا مۇھەممەت چاۋار ئاكا!  * Z8 |8 C% ?, q0 j% e) V. Y

ۋاقتى: 2016-1-28 13:02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

ۋاقتى: 2016-1-28 21:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى.......4 D' y- P8 @. ~2 f
ھەركىمنىڭ بېشىدا بار ئەمەسمۇ........
6 h6 T5 G& I( M! _& |1 zئۇستاز ياققان گۈلخاندا .....

ۋاقتى: 2016-1-29 11:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ،ئائىلىسىدىكىلەر سەبرى قىلغاي

ۋاقتى: 2016-1-29 22:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-1 12:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 11:05  
5 P' ~  W3 X- n& B- G6 S( q
2 l4 c2 L& ^' H3 O0 t7 @2 tئۇ -دۇنياغا كۈلۈمسىرىدى7 Q' A9 F" U! O" t/ T

7 K  c$ |# d3 Q. s6 h! B: `4 R% J-شائىر مۇھەممەت چاۋارغا مەرسىيە-% n$ k" A+ ~! t
ئابلەت ئەخمەت
6 I- V5 A; \6 k& H. X! j
* ^* D8 R3 N8 Z1 Dقۇملار ئۇچۇپ ئۆتەتتى قۇلاق تۈۋىدىن ئەپسانە سۆزلەپ،8 u& w3 j( C9 _8 i' U" o
قومۇشلار پىچىرلايتتى ھىكايىسىنى.
8 U$ \% Q+ ^3 ?, L# ?% U# _! Sيالغۇز بالىلىقى كۆكلەپ باراقسان،
) y0 \; l% y+ `/ q# R% J7 s; \بىر پارچە ئاسمانغا چۈشۈرگەن سايىسىنى.: t; I' ]7 ^  [9 @' z" d7 ^# ^; o

$ `. A, j( Z2 ?9 i" S3 [بوينىنى سەل قىيسايتىپ ئولتۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەيتتى،
& U& a% e! m6 K% a* N' ^, Eداڭدار كىشىلەرنى جەم قىلىپ.- w- y- r7 A8 V6 b+ t) X
ئۈزۈندە، ھىكمەت، لىرىك شېئىرلار...9 M- J/ a' z0 F6 l2 Z: o/ l
دانە-دانە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇنىڭ ئاۋازىدا،$ X" z9 w, _* y9 Y: y
جاراڭلايتتى
+ O3 z3 ^- c/ B% b' ~- Nچۈشۈپ قالمايتتى- _& x4 d  }3 @
سۇغۇرلۇپ چىقىپ كىتەلمەيتتى.
: V' g3 W3 `- S+ x* T" z& j0 ]: o3 C. P+ Z# D
تەنھا كېچىپ ئۆتكەن تالاي چۆللەرنى،2 ^! m4 ^7 u! ?% A2 {
ئۆزى چىققان تەختىگە ھۆرمەتنىڭ.  o& ~; G* S( d" N# X7 r
ئۆز روھىنى شەكىلگە كىرگۈزۈۋاتقاندا،
! ?- s  g( g6 ]: d4 v$ U! W/ Oئىشىكى ئېچىلدى تۇيۇقسىز جەننەتنىڭ.
, W9 b& K' x8 w2 o+ z+ H8 Q/ D6 X6 a) M8 |/ u/ u: q! B& E
ساماۋى ھەقىقەتلەرگە ئىشەندى جىمجىت،# `1 m' W/ {: |2 R
ئۆزىنى دەڭسەپ ياشىدى كۈلۈپ.% ]- Q3 C- C+ S& e
ئىزاھات بەرمىدى كەچمىشلىرىگە،
# z; V5 G% m! G5 Y. B4 Sمىھنەتلىك كۈنلەرنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ.
$ i& X1 H9 r, ]: b3 V
$ `4 o" t5 U/ z1 cيانۋارنىڭ بۇلۇتلۇق يەكشەنبە كۈنى،5 w1 v+ S: ^) F' h2 y
ئىسىت زىمىن ،ئاھ قۇياش دەپ ياش تۆكۈپ،/ i: l) ~' H0 O+ |7 l
تاغلارغا تاغ بولغان زەبەردەس ئەركەك،* |# ^* b$ u9 ^+ ]: |
خوتەندىكى7 r5 J0 r4 l! V) Q2 G% G2 _
ئىمام مۇسا كازىم قەبرىستانلىقىدا،
; i8 n+ k* [' P( T( lبۇ دۇنياغا كۈلۈمسىرىدى.
7 F3 f- t7 g. \) D6 H# @! K; W
$ n2 K- }3 H1 I! ]. U. F0 r

ۋاقتى: 2016-2-1 12:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى 7 f$ y) k' x% l

/ G! E5 U) d# c3 |9 u, ~2 a# f0 S0 Y% g- o) S; Z5 C5 e1 {7 u8 X
8 p, m- m# m9 |+ e
8 Q6 Q3 ?' n9 M& y. t3 C
شائىر،يازغۇچى،ئەدەبى ئوبزۇرچى،ئەدەبى تەرجىمان،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى ،
: d4 }; q  b4 f( b7 K: C4 p' v7 f6 M+ H$ j7 G6 f3 u) ^
جامائەت ئەربابى مۇھەممەت چاۋارنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن.+ e/ t' e7 \4 m6 O! n% j

! Z$ n- K8 A% l
; [: w' b! a7 [: h& X- }. E1 G# p, B3 E5 s' t6 V9 \
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
1 X% }+ p5 m, X1 w& b8 t
; A& |* E* X4 C  u0 X% d# K) |, ~- J% b. T# h! W# b

, x3 s& M( C5 `# D+ m$ }7 i+ _7 a. {- g% y# t) e8 H# {) P
يۈرەكنى يىغلىتىپ قان-قان خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى، 6 Q  n& f* \; _
«چولاق قۇش»*(1)نى قىلىپ نىمجان جىمى تەندىن مادار كەتتى.
) ]% B$ R# |- x# ]# a. Oئىزى تامغان قاقاس يەردىن ئۈنەتتى ھۈپپىدە گۈللەر،
( d: k: O2 o* [& x5 a, h# \+ Rقىزىل گۈلگە بېرىپ مىڭ جان بېغىمدىن جىلۋىدار كەتتى.   O" e5 _0 d6 l+ A) b
چۆكۈپ دائىم يۇرۇڭقاشقا قۇيۇلسام دەيىتتى تارىمغا،
% A: l' D6 g6 Z1 m* m1 [ئوقوپ «قۇملۇقتا ئەپسانە»*(2) ئېزىقماستىن ئاقار كەتتى.
2 B+ z- K- Y, ]$ `6 ^4 zئۆزۈمدىن ھالقىماق بولسام سىلايىتتى ئۇ قاناتمنى، 7 H/ V+ ]5 W0 B3 ]
مېنى پەرۋازغا رام قىلغان كەرەملىك تىلتۇمار كەتتى. 2 E! T5 i, H' c. |
ئۇزاق تۈنلاردە مۇڭداشساق ياقاتتى دىلغا بىر چاقماق،2 ^, F+ ]) z% \* e, p) _6 ?$ p
ئىچىمدىن چىققۇچە يورۇپ يولۇمغا ئىنتىزار كەتتى.
! O& j9 F; q2 X, [: Cياناتتى كۆكسىدە «تاغ»*(3) لارجېنىغا پاتسا «مەشئۇملۇق»*(4) ،
- M. {, y" C$ a; \6 pغۇرۇرنى تۇغ قىلىپ چاپقان بۈيۈك سەپتىن خۇمار كەتتى.( a+ w% T: h4 C5 k
باھادىر ئوغلىنى ئىزدەپ «گۇما»*(5) بوزلار مۇسىبەتتىن، ; d  }6 A# O$ {
كۆزى يانۋاردا ئويۇلغان كۆڭۈلدىن ئىپتىخار كەتى.
6 U6 z, q" e5 |% K1 T2 K, [: G. }
' l0 L% D5 _/ {) T) l$ f( V0 J4 Q# q7 X0 o. Z1 \) Q; ~; L/ t" z

0 A+ |& u5 J) a6 D6 k/ Y) M
; V. U" k/ ~2 a+ mئىزاھات: (1)شائىرنىڭ شۇ ناملىق باللادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
+ S# J: n; E7 h0 [- O0 Z2 Q, d" I(2)« قۇملۇق ئەپسانىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ. & k0 M; ^" p, s" b4 `( [
(3) شۇ ناملىق داستانىنى كۆرسىتىدۇ.
, c6 y5 j8 t1 ^$ r(4) شۇ ناملىق پوۋستىنى كۆرسىتىدۇ.
' i4 Q- w8 q$ T& d(5) شۇ ناملىق شېئىرىنى كۆرسىتىدۇ.% Z& S' R6 |% v0 J, w7 G" g

" A" T0 M% Z7 e' y; u
) X! P. f$ [: ~# v- [5 X: `
5 h* m% v! E3 p* g; r* g2016-يىل قەھرىتاننىڭ 26-كۈنى،گۇما.
* \# O0 `6 w. l2 L( l
3 l8 B: w$ o9 K' C7 M+ K1 dبۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 22:06  3 i8 c% {5 b3 r0 Z. B) @8 y3 a, ?

" L$ m! q. W! Y# ]

ۋاقتى: 2016-2-1 12:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر خاتىرىسىگە
/ q1 t* Q! X; l0 [) ?( S' I(شائىر، ئەدەبى تەرجىمان، ژۇرنالىست، ئەدەبىيات –سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەد چاۋار  ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)4 j6 s* Q# K6 {7 r2 e* B7 h2 P
5 v  Q, @7 ]3 H- W1 k5 a( {
مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر; W" W8 s; k! _; L' b* ]3 c1 V
# m0 i* R7 U! y3 h( T+ h- o
ئاسمانلارنىڭ لەۋلىرىدە بىر خىيال   J8 J$ P+ T6 T3 }
ئورمىنىڭدىن قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتتىمۇ؟  B! I; c9 B0 b
كۈندۈزلەرنىڭ يوپۇرمىقى سارغىيىپ
6 |  N8 R) b+ ^9 Eمامات ھىجران گىردابىغا يەتتىمۇ؟
+ j2 Y% W1 D0 w6 V5 ]3 \! }8 h6 ]: f4 U* ^! b6 w* G4 X& ]! [
قەدىمىڭگە ھېكايىلار يېزىلغان& j- q: v# l. Y' [1 e
سۇۋادانلار زار- زار يىغلاپ قالدىغۇ؟
; y- _. E  g: Q  tشېئىرلىرىڭ قورشاۋىدا تار ھويلا( Y9 i, j5 _& T* M& ]7 h. `
پېشايۋانىدا بۇلبۇل سايراپ ھاردىمۇ؟
; ]  m/ R6 ~$ _7 q/ r- x0 L3 C! p+ p1 e7 R* v: a! u( W% m
چىرايلارنىڭ باغلىرىدا  جىمجىتلىق' l9 A) h2 y9 k2 G& D
شائىر كەزگەن تاغلار كۈيۈپ كەتتىمۇ؟$ S+ g; S- ?9 t& S5 T" ^6 P
يۇرۇڭقاشنىڭ تۇزغۇپ تۇرغان خەتلىرى+ L# E- V; O' g  j6 j/ Z7 {+ s/ C  n
قۇملۇقلارنىڭ يۈرىكىنى چەكتىمۇ؟4 q$ x! u: t9 o: \, V  Z9 ~
$ M4 P& d, \" g: X3 q# ]
تەۋرەۋاتقان يۇلغۇنلارغا قارىدىم0 ?5 p# D$ \9 p+ [  w
ئايدىڭ ئاخشام شېئىر سوراپ قالدىغۇ؟
' W7 a1 W* q" F5 [! U: G0 p6 a( m5 lھايات ئىكەن بىر شامچىلىك ئادەمگە9 T) A; X9 _  `% E$ f5 D
پەرىشتىلەر كېلىپ پۈۋلەپ سالدىغۇ؟: x; X; U5 S( M  [& \3 G' I

: T$ `! X6 I! Y/ }3 M2016-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى% N1 A/ h9 {0 {9 n- r
4 \: H2 q3 e1 ]% W

ۋاقتى: 2016-2-1 12:56:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ھەققىدە يېزىلغان مەرسىيەلەرنى بىر يەرگە جەملەپ قويدۇم ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

ۋاقتى: 2016-2-5 11:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات( }3 y/ {" Q* b9 C  @: s. z
ئۇستاز
: a; r7 c$ f8 ]- ^1 m
! G  {+ o. E) L: J* T; `! g% C  f) k' A0 P2 D* s
(شائىر،يازغۇچى،ئەدەبى ئوبزورچى،ئەدەبى تەرجىمان،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى،ناتىق،جامائەت ئەربابى،ئۇستاز مۇھەممەت چاۋارنىڭ ۋاپاتىغا ئەلىكنامە)
- ~  j% i% U/ z1 W1 A' Z9 O3 v# ?+ z* `% w
تەپەككۇر كۆكىدە پەرۋاز قىلاتتىڭ زەپ ئېگىز،ئۇستاز،
1 R% j! U6 P$ ~. R# [تېرەنلىك بابىدا زېھنىڭ ئېدى چوڭقۇر ‹دېڭىز›،ئۇستاز.! s% j* @9 u# n6 d8 R9 Y
* P6 ]% l* r# }8 e( ^# c
كۆزى نۇرلانسا ‹قۇملۇق›نىڭ چۆكۈپ ئەپسانە باغرىغا،: R( K/ |( P1 X2 a
شەپەققە سىن بىرىپ ‹يۇلغۇن› بولاتتى پەخرىمىز،ئۇستاز.
+ O* E# F1 U# V; ~3 x! J9 I
9 f3 c( F5 Y5 z; c3 W+ `1 G‹ئۈگۈت›بەرگەن:«ئۇۋاسىدا يېگەنگە كۆز تىكەر يىلپىز،
# ^- U/ ?" m  x. \3 h! {* L5 uھەۋەس قىلماڭ مەگەر رەڭۋاز كۆتۈرسە مەي-قېمىز»،ئۇستاز.
: g  m) V! Q0 A( W# \0 d) H4 Y8 R0 K2 d' p0 W/ ], X) c) l# X
«كىشىنىڭ چارچىشى بەرھەق كېچىش،تاللاش ئاراسىدا،
7 y9 {; P: T5 J2 n7 {" v% iھاياتنىڭ كەكيا تەمىنى بىلىڭ گاھ بال  لەزىز»،ئۇستاز.
1 a% P/ ~2 M$ H. ^
! [/ r) |+ w8 {) x0 S- l6 @+ M«توخو  ياتقان پاكار قونداق بىلىنگەي توزغا  دار-دىشۋار،& U5 m) P+ i9 }; m1 B% E
‹قىيا›نى تىك دېمەس شۇڭقار،ماكانىدۇر ئەزىز»،ئۇستاز.- P1 X1 |" S1 u  ~0 K) w8 M
3 f1 w3 [9 U5 _* y! Z% Y
«غېمى يوقتۇر ئۇچارقۇشنىڭ ئۆزى قونغان ئېگىز شاختىن،  `/ I! t# Y' M+ w
نادانغا،قەلبى كورلارغا قەلەم بولسۇن بېگىز!»،ئۇستاز.. y$ e# J' L- J# O1 }
/ @4 r" P( @' H" t1 `
«‹چۈشۈم›دىن بىخەۋەر مەڭگۈ غېرىپ باشىمدىكى ياستۇق،
0 w  e* K' v) [& v* q& `ئىشەنگەن ئۆكچىدىن چىقماس ناگاھ تەملىك مېغىز»،ئۇستاز.1 J2 W8 W  `: _2 h( D7 a
3 N0 L! }7 [& Q( y9 o3 b! [! f
«كۆرۈنمەمدۇ كىچىك بۈركۈت ئېگىز ئۇچقانسىرى كۆزگە،
+ ?1 L  J5 _( z& y: vچىقىپ كۆك قەھرىگە قاتسۇن قاناتى،نەسلىمىز...»،ئۇستاز." L/ s) F( ~! ~6 V- N$ L8 H
! {/ t8 v. C  |! B
«بېرەلمەيدۇ چېچەك رەڭگى بىشارەت مېۋە تەمىدىن،6 P0 K. |* R1 l" u. @3 s
بىخۇت بولماڭ،باھار بولماس ھوسۇللۇق پەسلىمىز»،ئۇستاز.  . T7 @. a4 W6 {4 C' V

. z5 ]5 `4 I' S9 S: y/ l«قەدىر-قىممەت مۇنارىنى ئۆزى تىكلەيدۇ ھەر ئىنسان،
& t" T- T; ], v‹قىزىلگۈل›كۈلسە باغلاردا ئۇ چاغ سىز پەخرىمىز»،ئۇستاز.9 k, J) M2 J: P
" C% d. {% K1 P$ g/ `- k% M# `7 o
‹سەپەر›دە ‹ئاق ›‹يول›ۇڭ بولسۇن،ماياك ئەيلەپ ‹ئۈگۈت›لەرنى -) [& Y) I9 a% C# B; f
ئىما قىلغان ئېگىز ‹تاغ›قا چىقىشتۇر ئەھدىمىز،ئۇستاز!& g- M" h4 o, \% m& a2 D+ R
* ^! q' u: N) u! i3 Y; Y% j0 e
                                                                                 2016-يىلى 27-يانۋار،گۇما.( c0 d8 J: T1 h/ g! A4 s% W

. g" {; i3 @: [1 R: }. L2 E, Vئىزاھات: ‹   ›نىڭ ئىچىگە ئېلىنغانلىرى مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامى.
& r) K3 Q1 p8 j  S
7 p* _- k3 O' B5 Q! x) V3 R4 a8 a* i, G1 C5 \: s2 a4 d7 C$ x1 _

ۋاقتى: 2016-2-5 13:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىزنىڭ بېشىدا بار بۇ كۇنلەر ..،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش