ئەلتۇغ يوللىغان ۋاقتى 2015-12-28 20:46
گەرچە راست گەپ ئاچچىق بولسىمۇ، سوغۇققانلىق بىلەن ئوي ...
ئەلتۇغنىڭ ئالىي پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىشقا ھىچكىم پېتىنالماي كەلگۈسىنىڭ شائىرلىرى بولىمىش-شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى مۇنبەردىن يوقاپ كېتەرمۇ ئەمدى، دەپ ئەنسىرەپ قالدىم مۇشۇ تاپتا.
كىچىك-چوڭ، پىششىق -توڭ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئاۋات ئىدى مۇنبىرىمىز.
ئارمانى، تەكلىپىڭىزنى سەمىمىيلىك ، كېچىك پېئىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپسىز. ئەسىرىمنى تېپىپ بەر، ئەسەر يازغان چاغدىكى ھېسىياتىمنى تۆلەپ بەر،دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىدىغانلارمۇ بولغان مۇنبەر تارىخىمىزدا. شۇڭا ھەرقانداق ئەسەرنى ئاۋال كومپىيوتىرغا ئۇرۇپ ساقلىۋېلىپ ئاندىن مۇنبەرنىڭ تېگىشلىك سەھىپىلىرىگە يوللىسىڭىز ، تەستىقلانماي قالسا قايتا ئوڭشاشقىمۇ قولاي بولىدۇ.