كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 0

مەمتىلى زۇنۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
201084145332UF860967679001254107373[1].jpg
  مۇھەممەتئېلى زۇنۇن  1939-يىلى  قەشقەر  شەھرىنىڭ  ساقىيە  مەھەللىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1958- يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيەت فاكۇلتىتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۈرۈمچى،قەشقەر قاتارلىق  جايلاردا  ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىسى،  1980- يىلىدىن  تارتىپ  قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، 1991-يىلىدىن كىيىن شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
   مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىر-شەكىللىرىدە دېگۈدەك يېزىپ ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيىتىگە  ئېرىشكەن ئەدىب  ئۇ، 1950- يىللارنىڭ باشلىرىدا  ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كېرىپ كەلگەن. مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى دەسلەپتە شېئىر يېزىشتىن باشلانغان.تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قۇيۇقلىقى،لىرىكابايلقى، ئاھاڭارلىقى  پىكىرىنىڭ  چوڭقۇرلىقى، بەدئىي ئىپادىلەش  ۋاستىلىرىنىڭ  رەڭدارلىقى، كىلاسىك شېئىرىي شەكىللەرگە  بايلىقى بىلەن ئالاھىدە خاكتىرلىنىدۇ.ئۇنىڭ‹‹ۋىسال سەھرى››،‹‹قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ››،‹‹گۈلمېھرى›› قاتارلىق  بىر  تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئىر – داستانلىرى  ئوقۇمەنلەرنىڭ  ياخشى باھاسىغا ۋە ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات  مۇكاپاتلىرىغا  ئېرىشكەن.ناخشا  تېكىستى ئىجادىيىتى ئۇنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسىمى بولدى. ئۇ ‹‹كارۋان ناخشىسى›› قاتارلىق 100 پارچىدىن  كۆپ ناخشا تېكىستى يېزىپ،بۇ تۈردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.1980 -يىللارنىڭ باشلىرىدىن  تارتىپ ئۇ  يەنە پىروزا ئىقادىيىتى  بىلەنمۇ شۇخۇللىنىپ، «ئىككى ئوقۇغۇچۇم»،«باشلىقمىكىن دېسەم»،«قوش مەسچىت»، «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھىكايىلەرنى يېزىپ ئالقىشلاندى. مۇھەممەتئېلى  زۇنۇن ئىجادىيىتىدە ھەر قايسى ژانىرلار بولسىمۇ،ئەمما ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا دىراممىچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دەۋرىمىزدىكى  مۇنەۋۋەر  دىرامماتورگلارنىڭ بىرى. يېڭى  دەۋر  دىراممىچىلىقىدا ئۇنىڭ  تۆھپىسى ۋە تەسىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى گەۋدىلىك.
    مۇھەممەتئېلى زۇنۇن 1979-يىلى يازغان‹‹ھەسنىكام ئاچچىق ئامۇتى تاتلىقمۇ؟››دىراممىسى بىلەن دىرامما ئىجادىيىتىنى باشلىغان.شۇنىڭ باشلاپ ‹‹مەسلىھەت چېيى››، ‹‹رابىيە-سەئىدىن››، ‹‹ھېيتكاھ تۇمانلىرى››، ‹‹مۇقام ئۇستازى››، ‹‹ھىجران››، ‹‹يەتتە قىزلىرىم››، ‹‹كۈن تۇغدى››، ‹‹جەنۇپتىكى جەڭ مارشى››، ‹‹قايچا قۇدا››، ‹‹كېچىككەن توي››، ‹‹كۆمۈلمەس ئىزلار››، ‹‹ئەزىزە››قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دىراممىلارنى ئىجاد قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-18 19:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش