كۆرۈش: 1226|ئىنكاس: 0

قۇربان بارات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
201084184453UF080639280001253882153[1].jpg
قۇربان بارات، 1946-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى. 1956-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1988-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يېشىل ھايات»، «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قار چىچەكلىرى»،«قۇربان بارات ئەسەرلىرى» (بەش توم) ۋە «پۇشكىن ئەسەرلىرى»،«لېرمېنتوپ داستانلىردىن تاللانما»، «ئەي چىڭ شىئېرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قىزىل ئەتتىرگۈل»، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «نۇر قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش