قېيۇم سوپى،1947-يىلى قورغاس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «ئىلى گېزىتى»دە مۇخبىر، ئىلى ۋىلاييەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،« ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» پارتىۆومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىرى، ئىلى ئوبلاستلىق ئاخپاراتچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
1962-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1994-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «تەڭرىتاغ كۈلكىسى»، «باھار ئىلھامىي»، «ئانام ـ قەشقەر» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى، «يىگىت قەلبى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار.