دىلدار ئېزىز، 1957-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 1980-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 2009-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئېھ، ياشلىق» (بىرلەشمە توپلام)، «ۋىناس ھەيكىلى ئالدىدا ئويلىغانلىرىم»، «ۋىجدان تارازىسى»، «بەخت سىزگە يار بولسۇن»، «گۈزەللىك سىزگە يار بولسۇن»، «تاشاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» قاتارلىق ھېكايە، ئەدەبىي ئاخپارات ئەسەرلىرى بار. ئايرىم ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.