دىلمۇرات تەلئەت، 1963-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. مەخسۇس كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە. 1984-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە قۇمۇل تۆمۈريول تارماق ئىدارىسى ئېلىكتىر ئوچاستىكىسىدا، تۆمۈريول 1-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىشلىگەن .2005-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«قۇملۇقنىڭ روھى» (خەنزۇچە) ناملىق شىئېرلار توپلىمى، «خىزىر يولۇققان ئاتا»، «بوز دالا»، «كرورانلىق بالىلار»( 1-2-قىسىم)، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شىئېرلىرى»، قاتارلىق خەنزۇچە تەرجىمە رومان، شىئېرلار توپلاملىرى ۋە 500 پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچە ھېكايە، شىئېر تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى»مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار» مۇكاپاتى، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇھىم ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.